Уйғурчә | Uyghurche | uyğurçe | ئۇيغۇرچە

ھەققىمىزدە

ئانا تىل تېلېۋىزىيىسىنىڭ يولغا قۇيۇلۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق نىشانى
يىقىنقى يىللاردىن بىرى ، ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە نىسبەتەن ئاسىمىلياتسىيە كۈچىيىشى , ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىدىن سىقىپ چىقىرىۋېتىلىشى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا مۆلچەرلىگۈسىز تەھدىت -خىرىسلارنى پەيدا قىلدى ۋە
دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە سەرسان-سەرگەردان بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ كېلەچەك ئەۋلادلارنىڭ تەقدىرى ئەڭ مۇھىم مەۋجۇتلۇق مەسىلىسىگە ئايلاندى.
ئانا مەدەنىيەت قۇچىقىدىن ئايرىلىپ، يات تۇپراقلاردا ئۆزگە مەدەنىيەت-كۈلتۈرلەرنىڭ قورشاۋىدا ياشاش، شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ مىللى ئۆزلۈك-كىملىكىنى قوغداپ قېلىشىدا زور تەھدىت پەيدا قىلماقتا.
كۈندىلىك ھاياتنىڭ ھەربىر دەقىقىسىدە بالىلىرىمىز يېمەك-ئىچمەك، كىيىم -كېچەك،يۈرۈش-تۇرۇشتىن تارتىپ ياشاشنىڭ ھەربىر ھالقىسىغىچە يات مەدەنىيەتنىڭ غىدىقلىشى، تەسىرىگە ئۇچراپ, ئۇيغۇرلۇق مەنزىلىدىن يىراقلاشماقتا.
بولۇپمۇ بالىلارنىڭ كىشىلىك يېتىلىشىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدىغان مەزگىللىرى سادىر پالۋان ، نوزۇگۈم مىسالى قەھرىمانلىرى؛
ئوغۇزخان، ساتۇق بۇغراخاندەك يولباشچىلىرى؛مەھمۇد قەشقەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئالىملىرى بىلەن تونۇشۇپ ، مىللى غۇرۇر،پەخىر تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش ئورنىغا ، ئۆزگە مەدەنىيەتنىڭ قەھرىمانلىرىغا مەستخۇش بولۇپ ئۆتمەكتە.
مۇسۇلمان تائىپىنىڭ بىر ئەزاسى بولسىمۇ ،توغرا دىنى بىلىملەر بىلەن تونۇشۇش پۇرسەتلىرى چەكلىك بولماقتا.
بىباھا مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز، ئەخلاق -يوسۇنلىرىمىز ئۇنتۇلۇشقا يۈزلەنمەكتە. بالىلىرىمىز تەجرىبىلىك ،جەسۇر ئەجداتلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ئۆگۈتلىرىدىن ئەقلى-تۇيغۇسىنى ئوزۇقلاندۇرۇشتا چارىسىز قالماقتا!
ھايا-ئەخلاق تۇيغۇسى كۈچلۈك،ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۆرنەكلىرىنى ۋۇجۇدىدا بىرىكتۈرگەن ،شانلىق تارىخنىڭ ئىگىسى بولمىش قەھرىمان بىر مىللەتنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كېلەچەك مەنزىلى قەيەردە؟
... بۇ مۇھاجىرەتتىكىلا ئەمەس ۋەتەن تۇپراقلىرىدا مۇستەملىكە زۇلمىنى تارتىۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىنى كۆيدۈرۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. مانا شۇ مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تەخىرسىزلىكى تۈرتكىسىدە،
بىر تۈركۈم مىللەتسۆيەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى ئارقىسىدا، مەزكۇر <ئانا تىل > تېلېۋىزىيەسى خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى.ئىشىنىمىزكى،
ئەۋلادلارنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن يۈرىكى كۆيۈۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر،مىللەتپەرۋەر سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ماددى-مەنىۋى قوللاشلىرى بىلەن تاشلىغان بۇ قەدەملىرىمىز پات يېقىندا پارلاق مەنزىللەرگە ئۇلاشقۇسى.